ئەخلەت يىغقۇچى بوۋايدىن تىلەمچى يىگىتكىچە
شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات بازىرىنىڭ بۇ كوچىسىدىن ھەر كۈنى ئىككى قېتىم ئۆتىمەن. بۇ كوچىدىن ھەر كۈنى مېڭىۋەرگەچكىمۇ ئەتراپتىكى نەرسىلەرنىڭ قەيەرگە ئورۇنلاشقانلىقىدىن تارتىپ ھەممە نەرسە ماڭا تۇنۇشلا بولۇپ كېتىپتۇ. ھەر كۈنى ئىشىمغا سەھەر ماڭىمەن، بەكلا ئەتىگەن ماڭغاچقا يولدا ئىشلەمچى بازىرىغا كېتىۋاتقان ئىشلەمچىلەردىن باشقا ئادەملەر ئۇنچە ئۇچرىمايدۇ. بىزنىڭ بەك تەرەققىي قىلمىغان بۇ شەھەرنىڭ بۇ بازىرىنى مۇشۇ شەھەردىكى ئەڭ ئاۋات بازار دېيىشكە بولاتتى. دۇكانلار كۆپ بولغاچ دۇكانلاردىن يىغىلىدىغان ئەخلەتلەرمۇ كۆپ بولاتتى.
ھەر كۈنى ئەتىگەن بازارنىڭ كوچىلىرىدىكى ئەخلەتلەرنى سۈپۈرۈپ يىغىشتۇرۇۋاتقان 70 ياشلاردىن ئاشقان بىر بوۋاي دىققىتىمنى تارتىدۇ. ئۇنىڭ قولىدا سۈپۈرگە، ئەتراپتىكى ئادەملەر بىلەن كارى يوق ئۆز ئىشىغا مەشغۇل ئىدى. بەلكىم بۇنچە چوڭ بازارنىڭ تازىلىقىغا مەسئۇل بۇ بوۋايلا بولمىسا كېرەك. بازار خېلى كەڭ دائىرىنى ئىگەللىگەن، بۇ بوۋاي ھەرگىزمۇ يېتىشىپ بولالمايتتى. بەزىدە بۇ بوۋايدىن باشقا ئەخلەت يىغىدىغانلارنىمۇ ئۇچرىتىپ قالىمەن، بىراق ئەشۇ بوۋايلا مېنىڭ دىققىتىمنى باشقىچە تارتىدۇ. چۈنكى بوۋاي 70 ياشلاردىن ئاشقىنىغا قارىماي ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ ھالال ئىشلەپ جېنىنى جان ئېتىۋاتىدۇ. بەلكىم، بوۋاينىڭ بالىلىرى باردۇر، بالىلىرىنىڭ بۇ بوۋايغا قاراشقا قۇربى يەتمەيدىغاندۇ، ياكى بالىسى يوق بولغاچ ئۆز كۈچىگە تاينىشقا مەجبۇر بولغاندۇ. ھەر كۈنى بوۋاي ئۇچرىسا ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپلا ماڭىمەن، مەن ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ بولغىچە يېرىم مىنۇتمۇ ئۆتمەيدۇ، بوۋاي ئىشنى شۇنداق بېرىلىپ قىلىۋاتقان، ئۆزى قىلىۋاتقان مۇشۇ ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلاتتى. قىسقىسى بۇ ئاۋات بازارنىڭ پاكىزلىقى بۇ بوۋايدىن ئايرىلالمايتتى.
بۇ قايناق بازاردا ئادەملەرمۇ كۆپ بولغاچ، بازارنىڭ يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرۇۋالىدىغان تىلەمچىلەرمۇ شۇنچە كۆپ، بەزىلىرى مېيىپ، بەزىلىرى قېرى بوۋاي-مومايلار، يەنە بەزىلىرى بولسا بالىسىنىڭ ۋە ياكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ئېغىر كېسەلگە دۇچار بولۇپ قالغانلىقىنىڭ رەسىملىرىنى كۆرسۈتۈپ پۇل تىلەيدىغانلار بەكلا كۆپ.
بۈگۈن ئىشىمدىن يېنىپ بازارنىڭ كوچىسىدىن ئالدىراش كېتىۋاتاتتىم، 65 ياشلاردا بار بىر ئايالنى چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان 27-28 ياشلاردا بار بىر يىگىت دىققىتىمنى تارتتى، ئەسلى نەرسە ئېلىش خىيالىم يوق ئىدى، يىگىت تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان يەرنىڭ ئۇدىلىدىكى ئۇششاق-چۈششەك نەرسە سېتىۋاتقان يايمىچىنىڭ ئالدىدا توختاپ بىر نەرسىلەرنى كۆرگەچ ئۇلارغا دىققەت قىلدىم، ئايال چاقلىق ئورۇندۇقتا بىچارىلەرچە ئولتۇرغان، ئۇنىڭ قولىدا بۇرۇن ساق ھالىتىدە چۈشكەن رەسىمى بار ئىدى. ئەتراپتىن ئۆتۈۋاتقان كىشىلەرگە، مەن بۇرۇن مۇشۇنداق ساق ئىدىم، ھازىر مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىم ياردەم قىلىڭلار دېمەكچى بولسا كېرەك. يىگىتنىڭ ھالى بەكلا بىچارە ئىدى، كۆزلىرىنى يۇمۇپ، بېشىنى ساڭگىلاتقىنىچە، (ئانامنىڭ كېسلى ئېغىر، قېرىنداشلىرىمنىڭ ئازراق ياردەم قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن، ئانامنى داۋالىتىپ ساقايتىۋالسام سىلەرگىمۇ ساۋابى يېتەر) دەپ ئاۋازىنىمۇ ناھايىتى بىچارىلەرچە چىقىرىپ باشقىلارغا يالۋۇرماقتا ئىدى. ئەتراپتا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشلەردىن ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتقانلىرى پۇل بېرىپ كەتتى. كۆپىنچىلىرى ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ماڭماقتا ئىدى. بۇرۇندىن تىلەمچىلىكنى كەسىپ قىلىۋالغان مۇشۇنداق ئادەملەرگە پۇل بەرمەيدىغان ئادىتىم بولغاچ، ئالىدىغان نەرسەمنى ئېلىپ كېتىپ قالدىم. تىلەمچىلەر قېرى بوۋاي-موماي بولۇپ قالسا، قۇربىتى يەتمەيدىغان ئاجىز ئىكەنلىكىنى سىرتىدىن ئازراق ھېس قىلغاندىن كېيىن ئاندىن تىلەمچىگە پۇل بېرىمەن، بولمىسا تىلەمچىلەرگە پۇل بەرمەيمەن.
ئۆيگە كېتىۋاتىمەن. ئەتىگەن كۆرگەن ئەخلەت يىغقۇچى بوۋاي بىلەن ئانىسىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان يىگىتنى سېلىشتۇرماقتىمەن. بوۋاي شۇنچە ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي ئۆز كۈچىگە تايىنىپ باشقىلارغا يۈز تەڭلەپ چىرايىنى سارغايتماي ياشاۋېتىپتۇ. بۇ يىگىت بولسا ئۆزىنىڭ شۇنچە ياش ساق ئىكەنلىكىگە قارىماي، نۇمۇس قىلماستىن ئانىسىنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقىنى دەستەك قىلىپ يۈزىنى سارغايتىپ پۇل تېپىۋېتىپتۇ. ئانىسى ئۇنى كىچىكىدە قانچىلىك ئەتىۋارلاپ باققان بولغىيدى؟ ئۇنىڭدىن قانداق ئۈمۈدلەرنى كۈتكەن بولغىيدى؟ ئايالغا شۇنچىلىك ئىچىم سىيرىلدى. كېچىلەپ ئۇخلىماي جاپالارنى تارتىپ چوڭ قىلغان ئوغۇل، بىر ئانىنى باقالمىسا، بۇنداق بالىنىڭ ياشىغىنىدىن ياشىمىغىنى ياخشى. ئانىسى ھەقىقەتەن ئاغرىپ قالغان بولسا، ئۆزى بېجىرىم بىر يىگىت بولغاندىكىن، ئىشلەمچىلەر بازىرىغا بېرىپ ئىشلەپ بولسىمۇ ئانىسىنى داۋالاتسا، بەك بولمىغاندا ئەتراپتىكىلەردىن ياردەم سورىسا باشقىلار ياردەم قىلار ئىدى.
باشقىلارغا يۈز تەڭلەپ كۆنۈپ قالغان بۇنداق ئادەملەرگە يۈزىنى سارغايتىپ باشقىلارغا يالۋۇرۇش شۇنچە ئاسانغا توختامدىغاندۇ؟ بۇ بىچارە يىگىت ھەر بىر ئادەمدىن ئەشۇ بىر كوينى ئېلىپ بولغىچە، نەچچە يالۋۇرۇپ ئۆزىنىڭ بىچارىلىكىنى ئىپادىلىمىسە بۇ پۇل ئۇنچە ئاسان قولغا كەلمەيدۇ.
كىچىكىمدىن ئاكا-ھەدىلىرىم ئارىسىدا جاھىل مىجەز، بوينى قاتتىق، باشقىلارغا ئاسان بوي ئېگىشنى خالىمايدىغان، دەيدىغان ناملىرىم بار ئىدى. ھېلىھەم شۇ مىجەزىم بار. ئاسانلىقچە باشقىلارغا بوي ئېگىشنى خالىمايمەن. مەيلى قانچىلىك خاپىلىقلارغا ئۇچراپ كېتەي باشقىلارغا يالۋۇرۇشقا تىلىم بارمايدۇ.
بەلكىم، مەندەك باشقىلارغا يالۋۇرۇشنى بەكلا ئېغىر ئىش بىلىدىغانلار بۇنداق ئىشلارنى قۇبۇل قىلالماسلىقىم مۇمكىن، بىراق، كىشىلەرگە يالۋۇرۇپ كۆنۈپ قالغانلارغا بۇنداق ئىش ئاددىيلا بىلىنىدىكەن. قانچە قىلساممۇ بۇنداق كىشىلەرنى چۈشۈنەلمىدىم.
جۇلالىق
بۇ يازمىدا جەمئىي 12 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش
#1
گېىزت-ژورناللاردا، تېلىۋزۇرلاردا بېيىش باشلامچىلىرى بەس بەستە تونۇشتۇرۇلغاندا گويا ھەممە ئادەم بىيىپ كەتكەندەك ، جاھاندا نامرات كىشى قالمىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، ئەمما ئەتىراپىمىزدا نامراتلار ھەقىقەتەن بەك كۆپكەن ، ئەتىگەنگە تاپسا كەچكە يوق ھالەتتە تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلار يەنىلا ساماندەككەن.
قەشقەر ماي تىياتىرخانىسىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ ئايلانمىدىن تاكى ھىيتگاھ مەيدانىغا بارغۇچە بولغان ئارلىقتا تىلەمچىلەر بەكمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ . بەزىسى ياش بەزىسى قېرى ، بەزىسى ئاجىز ميىپلار،يەنە بەزىسىنىڭكىنى بىلگىلى بولمايدۇ ،قول ھارۋىسىدا يۈزىنى يېپىپ يېتىۋالغان، يان تەرىپىگە كومپىيوتىردا ئۇرۇپ چىقىرىلغان ئاللىقانداقتۇر مۇراجەتنامىلەر، بەزىلەر (مىيىپ ،سېسىپ ، يىرىڭلار ئېقىپ تۇرغان ) پاچاقلىرىنى چىقىرىپ قويۇپ ئولتۇرۇپ كەتكەن .
شۇ پاچاقلارغا شۇ قوللارغا قارىسىمۇ كىشىنىڭ يۈرىكى ئاغرىيدۇ ، ئەمما بەزىدە ئويلاپ قالىمەن ، ئۇلار شۇ يىرىڭلىق پاچاقنى چىقىرىپ يۈرگىلى بىرەر يىلدىن ئېشىپ كېتىدۇ، سېسىمامدۇ ، دوختۇر كىسىۋەتمەمدۇ، قانداقسىگە مۇشۇ ھالەتتە تۇرىۋىردىغاندۇ؟ ئاڭلىسام بەزىلىرى قەستەن ئۇنى بۇنى سۈركەپ ، ئاشۇنداق ھالەتتە ياسايدىكەن ….
ئۇلارنىڭ زادى قانچىسى ھەقىقى مىيىپ، قانچىسى ھەقىقى ئاجىزدۇ؟ ئۇلارغا زادى خەيىر ئىھسان قىلىش كېرەكمۇ يوق بىلگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى ، بەزى بىر قىسىم شۇنداق ساختا ئاجىزلارنىڭ دەستىدىن كىشىنىڭ يۈرىكى قېتىپ ھەقىقى ئاجىزلارغىمۇ ئىشەنمەيدىغان گۇمان بىلەن قارايدىغان بولۇپ كەتتۇق .
ئىت ئالدىدىكى بىر بۇردا ناننى دەپ غورۇرىنى ئىتقا يەم قىلىپ بېرىدىغان بەزىبىر قىسىم كىشلەر نانغا ئېرىشكىنىگە خوش بولۇپ ، يوقىتىپ قويغان غورورىنى نەزەرگە ئىلىپمۇ قويمايدىغان ئوخشايدۇ .
ئەسەردىكى بوۋاي شۇنچە سۆيۈملۈك بىلىنىپ كېتىۋاتىدۇ ، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەملىرىنى تۆردە ئولتۇرۇرپ ئارام ئېلىپ ئۆتكۈزۈشكە تىگىشلىك شۇ بوۋىلىرىمىز ئەخلەت تىرىشكە ، كوچا تازىلاشقا چىقىۋاتىدۇ ھە ، شۇنىڭغا قارىغاندا كېيىنكى ئەۋلادلاردىن بولمىش بىزلەرمۇ تايىنلىقكەنمىز.
جۇلالىق
08:08 2013-04-23
بىزنىڭ مۇشۇ قايناق بازاردىكى ئۇششاق تىجارەتچىلەرنىڭ كۆپلىكىنى كۆرسەم كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولىدۇ. كىچىككىنە بازاردا مىۋە-چىۋە ساتىدىغانلارنىڭ كۆپلۈكى، توكلۇق موتوسىكىلىتلارنى كىرا قىلىپ پۇل تاپىدىغانلارنىڭ جىقلىقىدىن يوللاردا مېڭىشمۇ قىيىنغا توختىغان. ئۇششاق تىجارەتچىلەر بازارنىڭ ئېھتىياجىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. پايدا نىسپىتىمۇ تۆۋەن ھەقىچان.
بەزىدە ئويلاپ قالىمەن. بىزلەردە كىچىك ئىشلارنى ياراتماي، چوڭ ئىشلار ئالدىمىزغا ئۆزلۈكىدىن كەلمەي، ياشايدىغان «ئاتتىن چۈشسەكمۇ، ئۈزەڭگىدىن چۈشمەي» ياشايدىغان بۇنداق بېكىنمىچىلىقتىن قاچانمۇ قۇتۇلارمىز؟
#2
يۇكسەل بىلوگى بىرنەچچە كۈندىن بۇيان ئېچىلمايۋاتىدۇ، سەۋەبىنى بىلىدىغانلار بارمىدۇ؟
جۇلالىق
08:09 2013-04-23
بەلكىم، يۈكسەل بلوگىنىڭ بوشلۇقى توشۇپ قالغان بولسا نەچچە كۈندە ئېچىلىشى مۇمكىن.
#3
راستىنلا بار جەمىيىتىمىزدە بۇنداق ئەھۋال قىرىندىشىم .
كونىلار دەپتىكەن مەن راتماي بوسوروپ،ئۇ ياراتماي كوتۇرۇپ دەپ شۇڭا قىرىنداشلار تىرىشايلى ! ئويغىنايلى !!! كەلگۇسىمىز ئۇچۇن تىرىشايلى !!!
جۇلالىق
01:00 2013-05-04
بۇنداق ئىشلارنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدىكەن. قانچە دېسەكمۇ يەنىلا شۇ، لېكىن قىلالايدىغىنىمىز، ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاش ئىكەن.
#4
مۇشۇ تىلەمچىلەرنى بۇرۇن كەمدىن كەم ئۇچرىتاتتۇق . ھازىر ماڭدامدا بىر . تىخى قايسى كۇنى قەشقەردە كۆرگەن تىلەمچىلەر مەركىزى شەھەردە تۇرغان . بىردەم تىلفۇن ئۇندىداردا تىلەمچىلەرنىڭ ئەبتى بەشىرىسى تۇرغان. ياكى تىلەمچىلەرنىڭ ئەبتى بەشىرىسى ئىچىلغان پائالىيەت توغرىسىدا مۇشۇلارنى كۆرىۋىرىپ ئىشەنچ ۋە ئىشىنىش يوقىلىدىكەن . ئادەمدە بىر ئىشقا قارىتا ئىشەنچ يوقالسا يەنە باشقا ئىشقا ئىشىنىش توغرا كەلسە ئادەم ئىككىلىنىدىكەن . مانا مۇشۇنداق چوڭ ياشنى ئالغان بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەمگەك ئارقىلىق ئۆز كۈنىنى ئۆتكۈزگىنىنى كۆرگەندە مەمنۇنلۇق ياشلىرىمىز ئىختىيارسىز تۆكىلىدىكەن .
جۇلالىق
07:13 2014-01-02
ھەر كۈنى ئاپتۇبۇسقا ساقلىغاچ، بېكەتنىڭ يېنىدا قاق سەھەر سوغۇقتا تىترىگىنىچە بىر پارچە قاتتىق قەغەرنى ئاستىغا قويۇۋېلىپ پۇل تىلەۋاتقانلارغا قاراپ تۇرۇپ كېتىمەن. ئۇلارغا قاراپ بىر يەرلىرىمدە ئىچىم ئاغرىيدۇيۇ يەنىلا بۇ خىيال تېزلا غايىپ بولىدۇ. كۆپىنچىسى 35 بىلەن 40 ياشنىڭ ئارلىقىدىكى ئاياللار، بەلكىم، باشقىلارنىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرىنى قىلىپ بەرسىمۇ كۈنىگە 50-60 كوي تاپار ئىدى، بەك باياشات كۈن كەچۈرمىسىمۇ نورمال ياشار ئىدى دەپ ئويلاپ، ئۇلارنىڭ تەييارغا ھەييار بولىۋالغانلىقىغا ئاچچىقىم كېلىدۇ. يەنىلا ئۆز يولۇمغا ماڭىمەن. ئۇلارنى ئەتتىگەندە باش-كۆزىڭىزنىڭ سە ئۈچۈن پۇل بېرىڭ، دېگەن گەپلىرىگە ئېرەن قىلماي كېتىپ قالىمەن.
سالىھ بىگ
04:38 2014-01-03
كۆنگەن يامانمۇ كۆيگەنمۇ دىسە كۆنەپ قالغان يامان دەپتىكەن . كۆنەپ قاپتۇ بۇ كىشلەر . لىكىن قىيا يىقىنلاشقاندا سە بىرەي دەپ تالاغا چىقىپ ئىزدىگەندە بىرمۇ مۇھتاج قولنى تاپالمايسىز دەيدىغان ھە كۆرۈپ قىيا باركەن دىسەم باشقا ئىشلارغا قاراپ ئاز قالغانلىقىنى ھىس قىلىدىكەنمىز . بەلكىم ھە دىيىلگىنى ھەقىقى قىيىنچىلىقى بار سە توغرا كىلىدىغان كىشىنى تاپالماي مۇشۇنداق ئالدامچىلار جىقىيىدۇ دىگەن گەپمۇ يا ….
جۇلالىق
03:41 2014-01-07
قىيانىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى ھەر تەرەپتىن ھېس قىلىۋاتىمىزيۇ، يەنىلا ئاخىرغا بولغان تەييارلىقىمىز بەكلا كەمچىل، بىخۇدلۇق ئىچىدە ياشايمىز.
#5
سالام سىزگە بىر شەھەردىكى توردىشىم،
جۇلالىق
03:32 2014-09-21
تىنچلىقمۇ، سىزدەك بىر شەھەرلىك توردىشىم بىلەن تونۇشقىنىمدىن خۇرسەنمەن.