چالىقۇشى
«چالىقۇشى» دېسە ھەممەيلەننىڭ ئېسىگە تۈركىيە يازغۇچىسى «رىشات نۇرى گۇنتەگىن»نىڭ «چالىقۇشى» ناملىق رومانى يادىغا كېلىدۇ. بۇ روماننىڭ نامىنى بۇرۇنلا ئاڭلىغان بولساممۇ بىر ئوقۇشقا پۇرسەت بولماي كەلدى. تۆت يىلنىڭ ئالدىدا بىر ئوقاي دەپ شۇنچە ئىزدىگەن بولساممۇ كىتابخانىلاردىن تاپالمىدىم. بۇ كىتاب خېلى يىللار ئىلگىرى نەشىر قىلىنغان بولغاچقا بەكلا قىس ئىكەن. ئىزدىمىگەن يېرىم قالمىدى. چوڭ كىتابخانىلاردىن تارتىپ كىچىكلىرىگە ھەممىنى ئىزدەپ كەتتىم. مەن دائىم كىتاب ئالىدىغان كىچىكرەك بىر كىتابخانا بار ئىدى، بۇ كىتابخانىنى ئاچقان بالا بىلەن ئانچە-مۇنچە تونۇشاتتىم، كىتاب ئالسام دائىم مۇشۇ يەردىن ئالغاندىكىن مەنمۇ ئۇنىڭغا تونۇش بولۇپ قاپتىمەن. بەزىدە كىتابخانىغا كىتاب ئالاي دەپ كىرسەم كىرىپ بولغىچە ماۋۇ كىتاب يېڭىدا چىقتى، سىز ئوقۇسىڭىز بولىدۇ، مەزمۇنى ياخشى ئىكەن دەپ تۇنۇشتۇرۇپ كۆرسىتەتتى. شۇ بالىغا «چالىقۇشى» دېگەن كىتابنى تاپقىلى بولارمۇ دېسەم، بىر دوستۇمدا بار ئىدى، ساتامدىكىن؟ مەن سوراپ باقاي. ئىككى كۈندىن كېيىن كېلىڭ خەۋرىنى بېرەي دېدى. ئىككى كۈندىن كېيىن كىتابخانىغا كەلدىم.
بۇ بالا كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرۇپتىكەن. مېنى كۆرۈپلا سالام قىلدى.
مەن دېگەن كىتابنى تاپالىدىڭىزمۇ؟
كىتابچى: ياق، تاپالمىدىم، دوستۇممۇ بىرسىگە ئوقۇۋالغىلى بېرىپتىكەن، .ئەكىلىپ بەرمەپتۇ. دېدى. «چالىقۇشى»نىڭ قىسىملىق فىلىمىمۇ بار ئىدى، شۇنى كۆرسىڭىزمۇ كىتابنىڭ ۋەقەلىكىنى چۈشۈنۈلەيىتتىڭىز.
مەن سورىدىم: بۇ فىلىم قانچە قىسىملىق ئىكەن؟
كىتابچى: يەتتە قىسىملىق فىلىم.
بىر روماننى يەتتە قىسىمغا يىغىنچاقلاپ فىلىم قىلىپ ئىشلىگەن بولسا چۈشەنمەك تەس، ئاۋۋال رومانىنى ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن فىلىمىنى كۆرەي.
كىتابخانىدىن ئۈمىدسىز ھالدا قايتىپ چىقتىم. چۈنكى باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىن بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنىنىڭ بەك ياخشى ئىكەنلىكىنى، بىر ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان كىتاب ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بەكلا ئوقۇغۇم بار ئىدى. ئەپسۇس، تېپىلمىدى.
«چالىقۇشى» فىلىمىنىڭ سىن لېنتىسىنىمۇ سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ قويدۇم، لېكىن كۆرمىدىم. ئاۋال رومانىنى ئوقۇش ئارزۇيۇم بولغاچ فىلىمىنى كۆرۈشكە ئانچە قىزىقمىدىم.
ئارىلىقتا 2-3 ئاي ئۆتۈپ كەتتى. پات-پات كىتابخانا ئارىلاپ قويىدىغان ئادىتىم بار. بىر كۈنى «ئۇدۇن كىتابخانىسى»غا بىر كىرىپ ئۆتەي دەپ كىرسەم،(بۇ كىتابخانىدىن كونا كىتابلارنىمۇ تاپقىلى بولاتتى، مەن «چالىقۇشى»نى سېتىۋالغان ۋاقىتتا «ئىز»،«ئويغانغان زىمىن» رومانلىرىنىڭ كونا نۇسخىلىرىمۇ بار ئىكەن) بۇ كىتابنىڭ خېلى كونىراپ تاش قېپى يىرتىلىپ كەتكەندىن بىرسى تۇرىدۇ. كىتاب ساتقۇچى ئايال بىلەن دېيىشىپ كىتابنى سېتىۋالدىمدە ئۆيگە ئەكىلىپ كەچتە ئوقۇشنى باشلىۋەتتىم. مەن ئادەتتە كىتابنى كەچ ۋاقىتلىرى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن. بىر كىتابنى باشلىۋالسام جىقراق ئوقۇمىسام ھاردۇقۇم چىقمايدۇ. ئاران تەستە ئېرىشكەن بۇ قەدىرلىك كىتابنى نەچچە كۈندىلا ئوقۇپ تۈگەتتىم. ھەقىقەتەن ماختاشقا لايىق رومان ئىكەن. روماننى ئوقۇپ بولۇپ «چالىقۇشى»نىڭ فىلىمىنى كۆردۈم. كىتاۋىنى ئوقۇمىغان بولسام فىلىمنى چۈشەنمىكىم تەسكە چۈشىدىكەن. نۇرغۇنلىغان ۋەقەلىكلەر قىسقارتىپلا ئېلىنغانىدى. «چالىقۇشى» فىلىمى تۈركىيە فىلىملىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشى چىققىنى دەپ قارايمەن.(يېقىندا دىيارىمىزنى تۈركىيە فىلىملىرى بىر ئالدى، مەسىلەن: ئادانالىق رازۋىتچىك چاكىر، ئاچچىق ھايات قاتارلىق فىلىملەر، بۇ فىلىملەرنى بىر كۆرۈپلا پەقەتلا ياقتۇرمىدىم، سۈنئىي، ئەزمىلىك بىلەن ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەر مېنى بىزار قىلىۋەتتى) بۇ فىلىمنى تۇنجى كۆرۈپ تۈگۈتۈپ بولۇپ قايتىلاپ نەچچە قېتىم كۆرۈدۈم. فىلىم شۇنداق تەبىئىي چىققان، ۋەقەلىكلىرىمۇ شۇنداق جايىدا، رول ئالغۇچىلارمۇ بەك ياخشى رول ئالغان ئىدى. روماننى ئوقۇۋېتىپ ئۆزۈممۇ تۈركىيەنىڭ سەھرالىرىنى سەيلە قىلىپ كەتتىم.
رومان ياكى ھېكايە ئوقاي، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ماڭا شۇ كىتابنىڭ تەسىرى خېلى بولىدۇ. بەزى يەردىكى بىلىملەرنى تۇرمۇشقا بىرلەشتۈرۈپ ئانچە-مۇنچە ئۈنۈمىنىمۇ كۆرىمەن.
«چالىقۇشى»نى ئوقۇپمۇ نۇرغۇن ئويلار خىيال ئەينىكىمدىن كەچتى، روماننىڭ ئىچىگە كىرىپلا كېتىپتىمەن، بىرىنجى بابتىكى ئوماق، شوخ پەرىدەنىڭ قىلىقلىرىغا تەڭ جۆر بولۇپ كۈلدۈم، ئۇنىڭ دەرەخلەر ئۈستىدىكى ھەرىكەتلىرى، مەكتەپتىكى تىنىمسىزلىقىلىرى ئادەمنى ئىختىيارسىز كۈلدۈرىۋېتەتتى. بۇ ئوماق قىز خۇشاللىق ئىلكىدە چوڭ بولۇۋاتقاندا دادىسى تۈگەپ كېتىپ ھاممىسىنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولىدىكەن. يەنە ھاممىسىنىڭ ئوغلى كامىران بىلەن پەقەتلا چىقىشالمايىتتى. پەرىدە ئوغۇل بالا مىجەز بولغاچ دائىم كامىراننى بوزەك قىلاتتى.
پەرىدە چوڭ بولدى، كامىراننى جىلە قىلىشلىرىنى توختىتىپ قويمىغانىدى. پەرىدە كامىراننى يامان كۆرىدىغاندەكلا قىلىقلارنى قىلاتتى.(ئەمەلىيەتتە ئۇنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرەتتى). «چالىقۇشى» فىلىمىنىڭ بىر يەردىكى كۆرۈنىشىنى بەكلا ياقتۇرىمەن، ھەمدە ئۆزۈممۇ تەڭ كۈلۈپ كېتىمەن. بىر كۈنى پەرىدە ھاممىسىنىڭ ئۆيىدە يەنە شۇ كىچىك ۋاقتىكى قىلىقلىرىنى تاشلىمىغان ھالدا كامىرانغا چاخچاق قىلىدۇ. كامىران كىچىكىدىن ياسىنىشقا بەكلا ئەھمىيەت بېرىدىغان سۆلەتۋاز بەگزادە بولغاچقا بۈگۈنمۇ ياسىنىۋاتاتتى. ئوغۇللارنىڭ بۇنداق ياسىنىشىنى ئەسلا ياقتۇرمايدىغان پەرىدە كامىراننى زاڭلىق قىلدى.
پەرىدە: كامىران، سەن قىز بولۇپ، مەن ئوغۇل بولۇپ قالغان بولسام سېنى چوقۇم ئەمرىمگە ئالاتتىم. پەرىدە قاقاقلاپ كۈلۈۋاتاتتى.
پەرىدەنىڭ ھاممىىسى: كامىران سېنى ئەمرىگە ئالسىلا بولمىدىمۇ، ئوخشاش ئىشقۇ؟ پەرىدە كۈلكىسىدىن توختاپ خىجىل بولۇپ كەتتى.
ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا ئوسال بولغان پەرىدە يۈگرەپ چىقىپ كەتتى.
مۇشۇ يېرىنى ھەر بىر كۆرسەم بەكلا كۈلۈپ كېتىمەن.
پەرىدە ئۆيىدىكىلەرنىڭ ئالدىدا خىجىلچىلىقتا قالغان شۇ كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە نەرىمان خانىم مېھمان بولۇپ كېلىدۇ. كەچ بولغاندا كامىران بۇ خانىمنى ئۇلارنىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى گۈللۈككە سەيلە قىلىشقا ئېلىپ چىقتى. پەرىدە بولسا چوڭ بىر دەرەخنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ ئالما يەۋاتاتتى. بالىلىقىنى تاشلىمىغان بۇ ئوماق قىز ئالمىنى قاتتىق-قاتتىق چىشلەپ يەۋاتقاندا بۇ ئىككىسىنى كۆرۈپ قالدى. كامىران بىلەن نەرىمان خانىم پەرىدە چىقىۋالغان دەرەخنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇپ تازا مۇڭدىشىۋاتقاندا پەرىدە قاتتىق بىر كۈلۈپ بۇلارنىڭ مۇڭ سۆھبىتىنى بۇزىۋېتىدۇ. مۇشۇ يەرلىرىنى كۆرۈشكە ئاجايىپ ئامراقمەن. پەرىدەنىڭ ئادەمنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرىدىغان شوخ قىلىقلىرىنى ھەر بىر كۆرسەم پەرىدەنىڭ رولىنى ئالغان قىزنىڭ رول ئېلىشتىكى ماھارىتىگە بەكلا قول قويىمەن.
پەرىدە كۆرۈنۈشتە كامىراننى يامان كۆرىدىغاندەك قىلغان بىلەن ئۇنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى. تويى بولىدىغانغا بىر كۈن قالغاندا پەرىدە بۇ «سېرىق چايان»نىڭ ئۆز مۇھەببىتىگە قارا يۈزلۈك قىلغانلىقىنى بىلىپ قالىدۇ. كامىراننى جېنىدىن ئەزىز كۆرۈپ ياخشى كۆرگەن بولسىمۇ، بۇ «سېرىق چايان» پەرىدەنىڭ مۇھەببىتىگە سادىق بولالمىغانىدى. بۇلارنىڭ مۇھەببىتىگە كۆز تېگىپ پەرىدە ھەممىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەگرى-توقاي يوللار باشلىنپ پەرىدە تۈركىيەنىڭ كەڭ دالىلىرىدا قىيىن تۇرمۇشىنى باشلايدۇ.
پەرىدە قىيىنچىلىققا قانچە ئۇچرىغانسېرى كامىرانغا شۇنچە نەپرەتلىنىدىيۇ لېكىن كامىرانغا بولغان چەكسىز مۇھەببىتى ئۇنىڭ نەپرىتىنى بېسىپ چۈشەتتى. كامىراننى سېغىناتتى. ئۇنىڭ ھەر ۋاقىت يېنىدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى.
پەرىدە قىيىن كۈنلەردە قالغاندا ئۇنىڭ بېشىنى سىلىغان، ئۆز قىزىدىن ئارتۇق كۆرگەن ھەيرۇللا بەينىڭ ۋەقەلىكلىرىنى ئوقۇغىنىمدا،ھەيرۇللا بەيگە چەكسىز ھۆرمىتىم كېلىدۇ. دۇنيادا ھەيرۇللا بەيدەك پەرىشتە سۈپەت كىشىلەرمۇ ھېلىھەم نۇرغۇن دەپ ئويلايمەن.
ئۆز نام-مەنپەئەتنى بىر يانغا قايرىپ قويۇپ، باشقىلارغا ئاتىلىق مېھرى بىلەن ياخشىلىق قىلىدىغان پەزىلەتلىك ئىنسانلار باشقىلارنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن ھەممە نەرسىسىنى قۇربان قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىدۇ.
كامىراننى پەقەتلا ئۇنتالمىغان، ھەر مىنۇت، ھەر ۋاقىت ئۇنى ئېسىدىن چىقارمىغان پەرىدە ئاخىرىدا يەنىلا كامىراننىڭ مۇھەببىتى ئالدىدا باش ئېگىپ كامىران بىلەن بەختلىك كۈنلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ.
جۇلالىق
بۇ يازمىدا جەمئىي 10 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش
#1
مەزكۇر كىتاب يېڭىدىن نەشىر قىلىنىپتۇ!
جۇلالىق
00:34 2011-02-04
ئۇيغۇر بەگنىڭ، بلوگىمغا كەلگىنىگە مەرھابا!
ئەينى ۋاقىتتا بۇ كىتابنى بەكمۇ تەستە تاپقانىدىم.
#2
نامىنى بەك كۆپ ئاڭلىدىم ، لىكىن ئوقۇشقا پۇرسەت يوق …
جۇلالىق
21:45 2011-02-06
ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان كىتاب ئوقۇپ بېقىڭ!
#3
مەن تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ئوقۇپ چىققان ئىدىم. ھەقىقەتەن سىز دېگەندەك ياخشى كېتاب.
بولۇپمۇ ئادانالىق ئەزمىلەر دېگەن ئا كېنونى كۆرۈپ قايىل بولدۇم بۇلارنىڭ كېنو ئىشلەشتىكى سەۋرىچانلىقىغا، ئىككى-ئۈچ قىسىم تۈگەپ بولغۇچىمۇ ئۆيگە بېرىپ بولالمىغان… ئەزمىلىك…
جۇلالىق
00:10 2011-02-20
ئۇنى بىر دېمەڭ، ھەتتاكى ھاجەتخانىغا كىرىپ چىقسىمۇ نەچچە مىنۇت ساقلاپ تاقەت قىلىپ كۆرۈنۈشكە ئالىدىكەنغۇ بۇلار.
#4
دەسلەپتە كۆرگەندە تاڭ ئاتقۇچە كۆرۈپ تۈگىتىۋەتكەن ئىدىم كىنوسىنى
جۇلالىق
02:23 2011-05-29
كۆرگىچىلىكى بار كىنودە شۇڭا!
#5
سالام، مەزكۇر تېمىنى ئوقۇپ، ئىنكاس يازالماي تۇرالمىدىم، مەنمۇ دەسلەپتە بۇ كىتابنىڭ نامىنى بەك ئاڭلاپ، ھەر قايسى كىتابخانىلاردىن ئىزدەپ تاپالمىدىم، ئاخىرى ئۈرۈمچىدىكى بىر يايمىكەشتىن مىڭ بىر جاپادا ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ، بۇ كىتابنىڭ 90-يىللاردىكى قوليازمىسىنى سېتىۋالدىم، ھەمدە پۈتۈن بىر كىتابنى قانداقمۇ كۆچۈرۈپ بولغاندۇ-دەپ، ھەيرانمۇ بولدۇم. ھازىر شۇ قوليازمىنى ساقلاۋاتىمەن، قارىسام 2010-يىلى بۇ كىتابنىڭ 2-نەشرى نەشىردىن چىقىپتۇ! ئۇنى سېتىۋېلىپ ساقلاپ قويدۇم، شۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي، مەزكۇر كىتاب ئاساسىدا ئىشلەنگەن فىلىمنى ئارقا-ئارقىدىن تۆت قېتىم كۆرۈپتىمەن، يىغلاپ-كۈلۈپ دېگەندەك…..
ئويلىسام بۇ فىلىم ماڭا تۈركىيە فىلىملىرى ئىچىدە ئەڭ تەسىر قىلغان فىلىم ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ سىنتەخسىسىنىمۇ ساقلاپ قويدۇم، ھەقىقەتەن ئېسىل نادىر ئەسەركەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزكۇر كىتاب ۋە فىلىمنى تۈركچىدىن تەرجىمە قىلىپ، كەڭ ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلىرىگە سۇنغان جاپاكەش ئەدەبىي تەرجىمان تۇرسۇنئاي ساقىم ھەدىمىزمۇ 2006-يىلى ئالەمدىن ئۆتتى، ئەمدى بىزگە بۇنىڭدەك ئېسىل تۈركىيە ئەسەرلىرىنىڭ سۇنۇلىشى بەسى مۈشكۈلمىكەن دەيمەن…..
ھازىر قويىلىۋاتقان تۈركىيە تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىغا قارايدىغان بولساق، تۈركىيە ھازىر شىنجاڭدا مودا بولدى دېسەك ئەرزىيدۇ، ئۇ فىلىملەرنىڭ ۋەقەلىكىنى ياخشى دېيىشكە بولىدۇ، ئەمما كىچىككىنە ۋەقەلىكىنى ئۈچەيدەك سوزۇپ، نەچچە قىسىم قىلىپ، ئۇنى تەرجىمە قىلىپ، بازارغا سالغانلار تېخىمۇ سوزۇپ، سۆرۈپ 200 نەچچە قىسىم قىلىپ، ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىدۇ ھەم كۆرۈرمەنلەرنى بەزدۈرىدۇ!
ئەمما مەن يەنىلا مۇشۇ ئېسىل ئەسەرگە ئوخشاش نادىر ۋە ئېسىل ئەسەرلەرنىڭ چىقىشىغا تەشنا!
ئاخىرىدا تورداشلارغا نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈركىيىلىك ئاتاقلىق يازغۇچى ئورخان پامۇكنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن!
جۇلالىق
08:04 2011-09-10
تىنچلىقمۇ، بۇ كىتابنى تاپمىقىم بەكلا تەسكە چۈشتى، ئۆيگە ئەكىلىپلا ئوقۇشقا بىر كىرىشىپ كەتكەنچە بەكلا تېز ئوقۇپ تۈگەتكەن ئىدىم. ئېسىل يېزىلغان رومان.
مېنىڭچە ھازىر شىنجاڭ تەۋەسىدە تۈردىن تەرجىمە قىلىنىپ قويۇلۇۋاتقان كىنولارنىڭ ۋەقەلىكلىرىنى ياخشى دېيىشكە بولمايدۇ. بۇ مېنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم. چۈنكى ئەسلىدىكى تۈ مىللەتلەر ئەدەب-ئەخلاقلىقنى ئەزىز بىلىدىغان مىللەت ئىدى. تۈنىڭ يېقىندا بازارغا سېلىنغان كىنولىرى ياۋرۇپانىڭ كىنولىرىدىن قېلىشمايدىغان ھالدا ئىشلىنىپتۇ. تاماق ئۈستىلىدە ھاراق كەم بولمايدىكەن. ھەتتا كىچىك قىزلارمۇ كۆتۈرۈۋەتتۇق دەپ تەمتىرىمەي ئولتۇرۇشلىچۇ، ئاتا-ئانىلىرى ئالدىدا خىجىلبولماي ئىرماش ئولتۇرۇشلىرىدىن كۆڭلۈم ئېلىشىپلا كەتتى. بۇنداق كىنولارغا قىزىقىپ كۆرىدىغانلارغا ھەيرانمەن. ئون نەچچە قىسىمدا تۈگەتسە بولىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى قەستەنگە 70-80 قىسىمغا ئۇزارتىپ ئىشلەشلىرىدىن بۇلارنىڭ كىنو ئىشلەش قابىلىيىتىگە قول قويماي تۇرالمىدىم. قاينىغىلى تۇرساق گەپ بىر تاغار.
ئورخان پامۇكنىڭ قايسى ئەسەرلىرى ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ؟ قېنى ئىسملىرىنى بىر تىزىپ باقمامدۇق؟