بالىلىقىمنى ئەسلەپ…
مەن ئامراق كۈز پەسلى كەلدى. باھار پەسلى بىلەن كۈز پەسلىنى ئەڭ ياقتۇرىمەن، كۈز پەسلىدە سارغايغان يوپۇرماقلار چۈشۈۋاتقان يولدا يالغۇز سەيلە قىلىپ ماڭسام ئۆزۈمنى شۇنداق روھلۇق تېتىك ھېس قىلىمەن.سارغايغان يوپۇرماقلارنىڭ چۈشۈۋاتقان ھالىتىگە قارىغانسېرى قارىغۇم كېلىدۇ، ھەر بىر تال يوپۇرماق بىر خىل مۇزىكا رېتىمىنى ياڭرىتىپ يەرگە چۈشۈۋاتقاندەكلا سېزىم پەيدا بولىدۇ.بۈگۈن ھاۋا شۇنداق ئوچۇق مەيىن شامال ئادەمگە ھوزۇر بېغىشلايتتى. نېمىشقىدۇر تۇيۇقسىز چوڭ بولغان مەھەللەمنى سېغىنىپ قالدىم خۇشال كەيپىياتىم بىلەن بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ مەھەللەمگە كەلدىم. ھەر بىر كوچىنى تەپسىلىي ئايلىنىپ چىقتىم، بۇ يەرگە پات-پات كېلىپ تۇرغان بولساممۇ بۈگۈنكىدەك ھەممە يەرلەرنى ئايلىنىپ باقمىغىلى ئون نەچچە يىلدىن ئېشىپتۇ. ئون نەچچە يىل نەقەدەر ئۇزۇن ۋاقىت. بۇ ئون نەچچە يىل ئىچىدە ھەر بىرىمىز نۇرغۇن قىسمەتلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزدۈۇق. بەزىدە كۈلۈپ، بەزىدە يىغلاپ ياشىدۇق. ھەقىقەتەن ئۇزۇن ۋاقىت…
نەگىلا قارىماي ھەممە يەردە مېنىڭ سىمايىم كۆرۈندى. ئەينى ۋاقىتتىكى سەبىي ھېچنەرسىدىن غەم يېمەيدىغان غۇبارسىز مەننى كۆردۈم. بۇرۇن بىز دائىم يىغىلىپ ئوينايدىغان بىر مەيدان بار ئىدى. مەھەللىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ شۇ يەرگە كېلىپ قاپتىمەن. بۇ يەرگە ئۆي سېلىۋېتىپتۇ. ئۆيگە قاراپ تۇرۇپ خىيال ئىكرانىمدىن ئەسلىمىلەر بىر-بىرلەپ ئۆتتى. ئەنە مەن نەۋرە ئاكا-ھەدىلىرىم بىلەن ئەتراپى توپا تاملار بىلەن ئېتىلگەن بۇ ئاق يەردە ئايلانما سوبو ئويناۋاتىمىز ئويۇن شۇنچىلىك قىزىغان كىملا قارىسا ھەۋەس قىلغۇدەكلا، قىز بالا بولۇشىمىزغا قارىماي ئوغۇللار ئوينايدىغان ئويۇننىمۇ ئويناپ قوياتتۇق. بىر كۈنى ئاكا-ھەدىلىرىم بىلەن ئىككى گۇرۇپپا بولۇپ گاگا ئوينىدۇق. ئويۇن تازا قىزىۋاتقاندا ھەدەم گاگا بىلەن چۇكنى تازا سېلىۋىدى يان تەرەپتە قاراپ تۇرغان نەۋرە سىڭلىمنىڭ پېشانىسىگە تەگمەسمۇ بالا-قازا دېگەن دەپ قويۇپ كەلمەيدىكەن. سىڭلىمنىڭ پېشانىسىدىن ئوقتەك قان كەتتى. ھەممەيلەن ئالاقزادىلىك ئىچىدە سىڭلىمنىڭ يېنىغا كەلدۇق. قارسىام سىڭلىمنىڭ كۆزىگىلا تەگكەندەك كۆرۈندى. ۋاي ئىسىت دېدىم ئىچىمدە، ئاكىلىرىم سىڭلىمنى دوختۇرغا ئەكەتتى. چوڭلاردىن بولۇشىغا تىل ئاڭلايدىغان بولدۇق دەپ ھەممىمىز قورقۇپ كەتتۇق. ئويۇنمۇ شۇنىڭ بىلەن تۈگىدى يېلى چىقىپ كەتكەن توپتەك بولۇپ ھەممىمىز ئۆيگە قايتتۇق. كەچتە ئاكامدىن ئاستا سورىسام سىڭلىمنىڭ كۆزى ساق ئىكەن. قاپىقىنىڭ ئۈستىگىلا تېگىپتۇ. شۈكرى دېدىم. كونىلار «كۆز بەكلا ئۇلۇغ» دەيدىكەن بۇ گەپنىڭ راستلىقىغا بۈگۈن ئىشەندىم. ئۆيدىكىلەردىن بىردەم تىل ئاڭلىدۇق. شۇنىڭدىن كېيىن بىر مەزگىلگىچە گاگامۇ ئوينىمىدۇق. خوشنا ئۆيدىن چىققان بىر نەرسىنىڭ تاراقشىغان ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئېسىمگە كەلدىم. يولۇمنى داۋام ئەتتىم. كۈزنىڭ سوغۇق شامىلى يۈزۈمگە ئۇرۇلماقتا، دەرەخلەرنىڭ سارغايغان يوپۇرماقلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قوغلىشىپ چۈشمەكتە…
يوپۇرماقلارنى تاماشا قىلغاچ دادام بۇرۇنلاردا ئېلىپ قويغان مەھەللىنىڭ چېتىدىكى ئورمانلىققا قاراپ ماڭدىم. ئەتراپتىكى ئۆيلەر ھەم يوللار بەكمۇ ئۆزگىرىپ كەتمەپتۇ. يا ماڭا شۇنداق تۇنۇشلا بىلىندىمۇ بىلمىدىم. بۇ يەر سۈيى توختىماس ئۆستەڭنىڭ ئۇ قېتىدا ئىدى. بۇرۇنلاردا ئادەم ئۆتۈشتىنمۇ قورقىدىغان ھېلى چۈشۈپ كېتەمدىمەنكىن دەپ ئەنسىرەيدىغان شاخ-شۇمبۇلار بىلەن ياسىغان كۆۋرۈك بار ئىدى. ھازىر پۇختا كۆۋرۈك ياساپ قويۇپتۇ. ئۆستەڭ شۇ پېتىلا، سۈپسۈزۈك سۇ شىرىلداپ ئاقماقتا. مەن ئەقلىمگە كېلىپ بۇ ئۆستەڭنىڭ سۈيىنىڭ توختاپ باققىنىنى بىلمەيمەن. بۇ يەرنىڭ ئورنى خېلىلا كەڭرى ئىدى. كۆپىنچە يەرگە دادام ئورمان سېلىۋەتكەن. ئورمانلارنى كېسىۋېرىپ جىق قالماپتۇ. بۇ يەردىكى ھەر بىر تۈپ ئورمان ھەر بىر ئېتىزغا دادامنىڭ نۇرغۇنلىغان قان-تەرى سىڭگەنىدى. دادام تۈگەپ كەتكەندىن بېرى بۇ يەرگە كېلىپ باقماپتىمەن. ئورمانلارنىڭ ئارىسىدا دادامنىڭ سىماسى كۆرۈنۈۋاتىدۇ، ئەنە دادام ئورمانلارغا سۇ ئېچىپ قويۇپ سۇ ئېقىتىپ يار ئېلىپ كەتكەن يەرلەرنى ئوڭشاۋاتماقتا، دادام كەتمەننى ئەپچىللىك بىلەن سېلىپ توپىنى بىر كەتمەن بىر كەتمەندىن تاشلاۋاتىدۇ، دادامنىڭ يۈزىدىن تەر تامچىلىرى سىرغىپ چۈشمەكتە، كەتمەن چېپىۋېرىپ ھارغىنلىقتىن بەللىرى مۈكچەيگەن دادام قولىنى پېشانىسىگە قويۇپ كۈنگە قارىدى كەچ كىرىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ كەتمىنىنى دولىسىغا سېلىپ توپىلىق يولدىن ئۆيگە قاراپ ماڭدى…
خىياللار بىلەن بولۇپ كېتىپ كەچ كىرگىنىنىمۇ تۇيماي قاپتىمەن. ئۆيگە قايتىۋاتىمەن. خىياللىرىم پەرۋاز قىلىۋاتىدۇ…
ئەگەردە قۇربىتىم يەتسىدى شۇ خۇشال مىنۇتلارغا ھازىرلا قايتقۇم بار…
قۇياش غەربكە ئاستا-ئاستا پاتماقتا…
كەچكى شەپەق ئەتراپنى چوغدەك قىزارتىپ ئەتراپقا نۇرىنى چېچىۋاتاتتى…
كۆزۈم قىيمىغان ھالدا بۇ يەردىن ئايرىلدىم، خەير ئەسلىمىلەر…
جۇلالىق
بۇ يازمىدا جەمئىي 13 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش
#1
ماۋۇ يازما يۇرتنى ئەجەپ ئەسلەتتى دېسە…
نەچچە يىلدىن بېرى دەرەخلەر يوپۇرماق تاشلىمايدىغان يەرلەردە ياشاپ، ھەريىلى مۇشۇنداق پەسىلدە دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماق تاشلايدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن.
كىچىك ۋاقتىمدىكى ھېسلىرىمنى تېپىۋالغاندەك بولۇپ قالدىم. رەھمەت، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!
جۇلالىق
23:04 2012-10-21
كۈز پەسلىدە چۈشۈۋاتقان يوپۇرماقلار ئادەمگە نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ، سەن ئېرىشكەنلىرىڭنى چوقۇم قەدىرلىشىڭ كېرەك.
#2
مەن ھەركۈنى كۈرۈپ تۇرىۋاتىمەنغۇ دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماق تاشلىغىنىنى بىزنىڭ مەكتەپ چىرايلىقكەن جۇمۇ بىراق شۇ يۇرتۇمغا يەتمەيدۇ http://uyblog.cn/logo.gif
جۇلالىق
20:34 2012-10-25
ئۆز يۇرتىنىڭ مەنزىرىسىگە ھەرقانداق يەرنىڭ يەتمەيدۇ.
#3
مەنمۇ كۈز پەسلىنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن ، يەرگە چۈشكەن ساپسىرىق غازاڭلارغا دەسسەپ تېپىپ،چېچىپ مىڭىشقا ئامراق ئېدىم،ئەپسۇس ئۇزۇن يىللار بولدى ئۇنداق مېڭىىپ باقمىغىلى ،بەكمۇ شۇنداق ھەممە يەر ساپسىرىق سارغايغان دەرەخلەر بىلەن تولغان يولدا ماڭغۇم كەلدى…
جۇلالىق
20:36 2012-10-25
مەلەك، تۈدە دەرەخلەر يوپۇرماق تاشلىمامدۇ؟
يۇرتىڭىزغا بۇرۇنراق قايتىڭ، شۇندىلا يوپۇرماقلارنى چېچىپ ئوينىيالايسىز.
مەلەك
02:02 2012-10-31
تۈگە چۈشۈمدىمۇ بېرىپ باقمىدىم ھەدە
جۇلالىق
02:15 2012-11-01
مەن سىزنى تۈدە ئوقۇۋاتىدۇ دەپ ئويلايتتىم، كەچۈرۈڭ سىڭلىم.
#4
بالىلىقىنى سېغىنمايدىغان ئادەم بولمىسا كىرەك، ھاياتىمىزدىكى ئەڭ تاتلىق كەچۈرمىشلەر ئەنە شۇ بالىلىقتا بولىدىكەن…
قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! ئائىلىڭىزگە ئالەمچە شاتلىق، تېنىڭىزگە مەڭگۈلۈك ساقلىق تىلەيمەن!
جۇلالىق
20:37 2012-10-25
بالىلىقمنى پات-پات ئەسلەپ تۇرسام نۇرغۇن نەرسىلەرنى قىممىتىنى ھېس قىلىپ تۇرالايدىكەنمەن.
سىزنىڭمۇ قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
ئائىلىڭىزگە خۇشاللىق، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
#5
بىر دوستۇم بولىدىغان «كۈز پەسلى، يوپۇرماقلار سارغىيىپ غازان بولغىنىنى كۆرسەملا كۆڭلۈم بەك يېرىم بولىدۇ» دەيتتى. بەلكىم ئۇ بۇ مەنزىرىنى ئۆز كەچمىشلىرىدىكى ئەڭ مەيۈس چاغلارغا ئوخشاتقاندۇر. قارىغاندا، بىر خىل شەيئىنىڭ ھەر بىر ئادەمگە بىرىدىغان تەسىرى ئوخشاش بولمىسا كېرەك…
جۇلالىق
05:17 2012-11-01
كۈز پەسلى كەلسە نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ مەن ئۈچۈن بەكلا قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن.
#6
تىنچلىقمۇ،
ئۇسلۇب دوسىتلىرىمغا ياققان بولسىلا مەن شۇنىڭدىن خۇرسەن.