دادا سېنى سېغىندىم… دادا سېنىڭ بىزدىن ئايرىلغىنىڭغا شۇنچە يىللار بولدى. سېنى ئەسلەپ، سېغىنىپ كەلدىم. ئاكا-ھەدىلىرىمدەك سېنىڭ مېھرىڭگە قانالمىغانىدىم. مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى سېنى شۇنداق چوڭ كۆرەتتى ھۆرمەتلەيتتى. سەن ھۆرمەتلىنىشكە لايىق ئېسىل پەزىلەتلىك كىشى ئىدىڭ. ياشتا سەندىن چوڭ بوۋايلار ئۆيىمىزگە كېلىپ سەندىن ئىش قىلىشتا مەسلىھەت ئالسا سېنىڭ ئەتراپلىق پىكىرلەرنى بەرگىنىڭگە قاراپ زوقلىناتتىم. ئېسىڭدىمۇ دادا، مەن بەكلا كىچىك ئىدىم، […]
دادا سېنى سېغىندىم…
چالىقۇشى
چالىقۇشى «چالىقۇشى» دېسە ھەممەيلەننىڭ ئېسىگە تۈركىيە يازغۇچىسى «رىشات نۇرى گۇنتەگىن»نىڭ «چالىقۇشى» ناملىق رومانى يادىغا كېلىدۇ. بۇ روماننىڭ نامىنى بۇرۇنلا ئاڭلىغان بولساممۇ بىر ئوقۇشقا پۇرسەت بولماي كەلدى. تۆت يىلنىڭ ئالدىدا بىر ئوقاي دەپ شۇنچە ئىزدىگەن بولساممۇ كىتابخانىلاردىن تاپالمىدىم. بۇ كىتاب خېلى يىللار ئىلگىرى نەشىر قىلىنغان بولغاچقا بەكلا قىس ئىكەن. ئىزدىمىگەن يېرىم قالمىدى. چوڭ كىتابخانىلاردىن تارتىپ كىچىكلىرىگە […]
ئانا بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى
ئانا بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى بىر قىز توي قىلىپ بىر ئائىلىگە باش بولدى دېمەك ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇنلىغان مەسئۇلىيەتلەر يۈكلەندى دېمەكتۇر. توي قىلىشتىن بۇرۇنقى تەنتەكلىكىڭگە خاتىمە بېرىدىغان ۋە ئەرنىڭ، بىر ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققىدەك چىدامچانلىققا ئىگە بولىدىغان ۋاقتىڭ كەلدى. توي قىلغان ئىكەنسەن بالا تۇغىسەن ۋە «ئانا »دېگەن مۇقەددەس نامغا ئىگە بولىسەن. بەزىبىر قىزلىرىمىز باركى توي قىلىشنى تۇرمۇشنىڭ مەجبۇرىيىتى، […]
يوقاپ كەتكەن قىز
يوقاپ كەتكەن قىز نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئۇرۇق-تۇققانلار ئىچىدە بىرسىنىڭ بالىسىنىڭ ئات توي مەرىكىسىگە باردىم. بىزنىڭ جەمەتىمىزدىكى چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن توي-تۆكۈن بولسا ئاندىن بىر يەرگە جەم بولالايمىز. ھەممىىمىز تۇرمۇشنىڭ تۈگىمەس ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش، ئايدا بىرمۇ كۆرۈشەلمەيمىز. بۇ ئات توي مەرىكىسىگە نەۋرە ھەدە-سىڭىللىرىم، ئاكا-ئىنىلىرىم ھەممىسى يېغىلغانىدى. قىزلار بىر ئۆيگە كىرىپ مۇڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كوت-كوتراقى […]