شۇنداق بىر كۈنلەردە ياشاۋاتىمەن… ئەتراپىمدا نۇرغۇن ئىنسانلار بار، مەن ، ئادىمىزات يوق چۆلدە ياشاۋاتقاندەكلا تەنھامەن. كىملەرنىدۇ توۋلىغۇم، كىملەرگىدۇ دەرتلىرىمنى ئېيتقۇم بار. خۇددى قەلبىمدىكى سىرلىرىمنى بىرسىگە دەپ بەرسەم يېنىكلەپ قالىدىغاندەك، ھەممە بۇرۇقتۇمچىلىقتىن قۇتۇلىدىغاندەكلا ئەتراپتىكىلەرگە تەلمۈرۈۋاتىمەن. مېنى چۈشۈنىدىغان، ماڭا سىرداش بولىدىغان ئادەم ئىزدەۋاتىمەن. ئەپسۇس، ھەممە ئادەم شۇنچىلىك ئالدىراش كېتىۋاتىدۇكى، بۇلار نېمىگە ئۇنچە ئالدىراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى بەلكىم ئۆزىمۇ بىلمەسلىكى […]
شۇنداق بىر كۈنلەردە ياشاۋاتىمەن…
نىشانسىز مەنزىل
نىشانسىز مەنزىل «بۇ ھايات چەكلىكتۇر، چەكلىك بۇ ھاياتنى قەدىرلەيلى» دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆزنى ھەر ۋاقىت، ھەر زامان ئۇچرىتىپ تۇرىمىز، رومان-پوۋېسىتلاردا ژورناللاردا بىزلەرگە ھەردەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. بەزىدە شۇنداق بىر خىياللار كاللامغا كېلىۋالىدۇ. بۇ ھايات ئىنسانغا چەكلىك بېرىلمەي، ھېچ بولمىسا 200 يىل بېرىلگەن بولسا، نېمە ئىشلار يۈز بېرەر بولغىيدى؟ ئەشۇ قىسقىغىنە 50-60 يىللىق ئۆمرىمىزنى تۈزۈك […]
مۇزلىغان يۈرەك
مۇزلىغان يۈرەك ھاۋا بارغانسېرى ئىللىۋاتىدۇ، ھاۋا شۇنچە ئىللىغانسېرى مەن مۇزلاۋاتىمەن، ياق، مەن ئەمەس يۈرىكىم مۇزلاۋاتىدۇ، يۈرىكىمنى ئىللىتىش ئۈچۈن قەيەردە ئىسسىق بولسا شۇ يەرنى ئىزدەۋاتىمەن، مەن يۈرىكىمنى ئىللىتىماقچى بولغانسېرى، يۈرىكىم ئاستا-ئاستا ھېچنەرسىنى سەزمەس بوپ قېلىۋاتىدۇ. يۈرىكىم قاچاندىن بېرى بۇنداق سوغۇق مۇزلايدىغان بوپ قالدى، ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. ئىنسان بەدىنىدە ئەڭ ئىسسىق ئەزانى يۈرەك دەيدىكەنۇ، بىراق، مېنىڭ يۈرىكىم ھەممىدىن […]
يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەك
يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەك مانا ھەش-پەش دېگۈچە 2015-يىلى كىرە-كىرمەيلا باھار پەسلىنىڭ ئاخىرقى ئېيىمۇ كەپ قالدى. تەكلىماكاننىڭ باغرىدىكى بىزنىڭ بۇ يۇرتنىڭ باھار پەسلى باشقا يۇرتلارنىڭكىدىن بەكلا پەرىقلىق. كۆپىنچە كۈنلەرنى چاڭ-توزانلار بىلەن كۈتۈۋالىمىز. بۈگۈنمۇ ھاۋا بەكلا ناچار. بۇلۇتلار ئۆزىگە قۇم-بورانلارنى سۈمۈرۈپلىۋالغاندەكلا بەك دۇغا، قارىغان ئادەمگە ھۇزۇر ئەمەس كۆڭۈل غەشلىكى ئاتا قىلاتتى. ئۆيدە ئولتۇرۇۋېرىپ، ئىچىم سىقىلىپ، قايسى كۈنى ئاتايىن […]
قار ياققان ئەشۇ كۈنلەردە
قار ياققان ئەشۇ كۈنلەردە ئەتىياز كىرىشىگىلا نېمىشقىدۇر بىر خىل غېرىپلىق بېسىپ قالدى، كۈز بىلەن ئەتىياز مەزگىللىرىدە سەندىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان يېقىنلىرىڭنى باشقىچە سېغىنىپ قالىدىكەنسەن. دەل-دەرەخلەرنىڭ بىخ چىقىرىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرۈپ، بىزدىن ئايرىلغىلى بەكلا ئۇزاق بولغان دادامنىڭ قىش كۈنلىرىدىكى سىمالىرىنى ئەسلەپ قالدىم. قېلىن قار ياققان كۈنلىرى، دادام ئۇزۇن پاختىلىق چاپىنىنى كىيىپ، بېشىغا قاما تەلپىكىنى چۆكۈرۈپ كىيگىنىچە، خۇرۇم مەسە […]
خاتىرەمنى يوقاتقۇم بار
خاتىرەمنى يوقاتقۇم بار كىچىك ۋاقىتلىرىمدا تېلېۋىزورلاردا بىرەرسىنى ماشىنا سوقۇۋېتىپ ياكى بىرەر ھادىسىگە ئۇچراپ ۋاقىتلىق ياكى مەڭگۈلۈك خاتىرىسىنى يوقاتقان كۆرۈنۈشلەرنى تولا كۆرەتتىم، نېمىشقىدۇر بۇنداق خاتىرىسىنى يوقىتىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەستەك، بۇ كىنودىكى رېئاللىققا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كۆرۈنۈشتەك بىلىنەتتى. مانا ھازىر چوڭ بولدۇم، كىنودىكى نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەرنىڭ رېئاللىقتىكى ئىشلارغا ئاساسەن ئىشلىنىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم. ھەمدە خاتىرىسىنى يوقىتىشنىڭ ئەمەلىيەتتە بولىدىغانلىقىنى ئەتراپىمدىمۇ ئۇچراتتىم. […]
ھايات يولى…
ھايات يولى… ھاياتنىڭ رېتىمى بىر خىللا ئۆز ئىزىدا داۋاملاشماقتا… تۇرمۇشۇمدىكى نۇرغۇن ئىشلارنىڭ مەن ئارزۇ قىلغاندەك ياخشى بولۇپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتىمەن، لېكىن بەزى ئىشلار مەن ئارزۇ قىلغاندەك بولمايۋاتىدۇ، ئۈمۈدسىزلىك شەدىن، لېكىن مەن يەنىلا ئۈمۈدۋارمەن، چۈنكى تەڭرى بىر ئىشتىن ئۈمۈدىنى ئۈزمىگەن ئىنساننىڭ ئارزۇ قىلغان ئىشىنى ھامان ۋۇجۇدقا چىقىرىپ بەرگۈسى. ئەتراپىمدا بولۇۋاتقان تۈرلۈك-تۈمەن ئىشلارنىڭ بېسىمىدىن شۇنچىلىك ھالسىزلىنىپ كېتىۋاتىمەنكى، […]